تارىختىكى بۈگۈن: 24– فېۋرال

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1365100
تارىختىكى بۈگۈن: 24– فېۋرال
  • يىل 1525، 24– فېۋرال...
  • فىرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا «پاۋىيا ئۇرۇشى» (Pavia Savaşı) يۈز بەردى. ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان فىرانسىيە پادىشاھى 1-فرانچويس (François) رىم ئىمپېراتورى شارلكېن (Şarlken) غا ئەسىرگە چۈشتى. ئوغلىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان خانىش ئانا لۇيىس (Louise) قانۇنى سۇلتان سۇلايمانغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ ياردەم تەلەپ قىلدى. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى. نەتىجىدە، ئوسمانلى ئارمىيەسى بىلەن شارلكېن قوشۇنى 1526-يىلى 29-ئاۋغۇست موھاچتا قارشىلاشتى. موھاچ ئۇرۇشى ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن پادىشاھ فرانچويس قويۇپ بېرىلدى.
  • 1942-يىلى 24-فېۋرال ناتسىستلاردىن قاچقان رۇمېنىيە يەھۇدىيلىرىنى ئېلىپ ماڭغان «سترۇما» (Struma) پاراخوتى قارا دېڭىزدا چۆكتۈرۈۋېتىلدى. 1960-يىللاردا ئاشكارىلانغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپلىرىدا، پاراخوتنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋەقەدە 103 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 768 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1954-يىلى 24-فېۋرال دوناي دەرياسىدىن قارا دېڭىزغا، ئۇ يەردىن ئىستانبۇل بوغۇزىغا كەلگەن چوڭ مۇز پارچىلىرى بوغۇزنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. بوغۇزدا دېڭىز قاتنىشى توختىدى.
  • 1955-يىلى 24-فېۋرال تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى (CENTO)  ئىمزالاندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەنگلىيە، ئىران ۋە پاكىستان كېلىشىمگە ئەزا بولدى.
  • 1991-يىلى 24-فېۋرال ئامېرىكا 1-قېتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشىنىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىدى. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يېرىم كېچىدىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىراق زېمىنىغا كىرىشكە باشلىدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر