تارىختىكى بۈگۈن: 8– فېۋرال

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1355605
تارىختىكى بۈگۈن: 8– فېۋرال

بۈگۈن 2020 – يىلى، 8– فېۋرال، شەنبە.

1904 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسى «< Port Arthur> پورتى» غا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى ۋەيران قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن بىر يېرىم يىل داۋاملىشىدىغان ئۇرۇش باشلاندى.

1935 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ 5 – باسقۇچلۇق سايلاملىرىدا تۈركىيە ئاياللىرى تۇنجى قېتىم سايلاش ۋە سديلىنىش ھوقۇقىدىنبەھرىمەن بولدى. 17 ئايال پارلامېنت ئەزاسى تۇنجى قېتىم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كىردى. ئارا سايلاملاردا ئايال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 18 گە يەتتى.

1963 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىراقتا «بەئس پارتىيەسى» ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى. 1958 – يىلى پادىشاھ 2 – فارۇقنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق دۆلەتتە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان باش مىنىستىر ئابدۇلكېرىم قاسىم، بەئىس پارتىيەسىگە مەنسۇپ ئوفىتسېرلار قوزغىغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇلدى ۋە ئۆلتۈرۈلدى.

1989 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھۆددىگە ئېلىنغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى پورتۇگالىيەنىڭ ئازور ئاراللىرىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 144 كىشىنىڭ ھەممىسى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر