تارىختىكى بۈگۈن: 7– فېۋرال

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزھۇزۇرۇڭلاردا...

1355084
تارىختىكى بۈگۈن: 7– فېۋرال
  • يىل 1962، 7– فېۋرال...
  • ئامېرىكا كۇبا بىلەن بولغان بارلىق ئېكسپورت ۋە ئىمپورتنى توختاتتى. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كۇبانى ساياھەت قىلىشى، كۇبا بىلەن پۇل-مۇئامىلە ۋە سودا قاتارلىق تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە بولۇشى چەكلەندى.
  • 1964-يىلى 7– فېۋرال ئەنگلىيەنىڭ تونۇلغان مۇزىكا گۇرۇپپىسى «The Beatles» تۇنجى قېتىم سەييارە كونسېرت قويۇش ئۈچۈن نىيۇ يوركقا باردى. نىيۇ يورك ساقچىلىرى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن مېھمانخانا ئالدىغا توسۇقلارنى قويۇپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. گۇرۇپپا ئەزالىرى ئىككى كۈن بويىچە مېھمانخانىدىن سىرتقا چىقالمىدى.
  • 2007-يىلى 7– فېۋرال باكۇ-تىبلىس-كارس تۆمۈر يولى لايىھە كېلىشىمى ئۈچ دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا تىبلىستا ئىمزالاندى. تۆمۈر يولى لىنيەسى 2017-يىلى 30-ئۆكتەبىر خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر