تارىختىكى بۈگۈن: 27– يانۋار

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1347995
تارىختىكى بۈگۈن: 27– يانۋار
  • يىل 1937، 27– يانۋار...
  • خەلقئارالىق جەمئىيەت بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يوقىتىپ قويغان ۋە سۈرىيە چېگراسى ئىچىدە ئاپتونوم سالاھىيىتى بولغان ھاتايغا، مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى بەردى. 1936-يىلىدا سۈرىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان فىرانسىيەگە قارشى دىپلوماتىك بېسىمنى كۈچەيتكەن تۈركىيە، ھاتايغا مۇستەقىللىق بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيەنىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئېھتىمالىغا قارشى توپلانغان خەلقئارالىق جەمئىيەت، ھاتاينىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە فىرانسىيەنىڭ تەلىپى بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈلدى. سايلامدا، تۈركىيە بىلەن بىرلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان پارتىيەلەر غەلىبە قىلدى. 1938-يىلى 12-سېنتەبىر قۇرۇلغان مۇستەقىل ھاتاي جۇمھۇرىيىتى 1939-يىلى 3-ئىيۇن تۈركىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشنى قارار قىلدى. مەزكۇر قارار بىلەن، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسى جەزملەشكەن بولدى.
  • 1958-يىلى 27– يانۋار قىبرىستا مىڭلارچە تۈرك، ئارالنىڭ تۈركلەر ۋە رۇملار ئارىسىدا ئىككىگە ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارغا قاتتىق قول بولدى. چىققان ۋەقەلەردە سەككىز تۈرك جېنىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە تۈرك يارىلاندى.
  • 1973-يىلى 27– يانۋار تۈركىيەنىڭ لوس ئانژېلىستىكى كونسۇلى مەھمەت بايدار بىلەن باھادىر دەمىر سۈيىقەستكە ئۇچراپ شېھىت بولدى. ئاسالا (ASALA) تېررورلۇق تەشكىلاتى جىنايەتچىلىرىدىن ئەرمەن مىللىتىدىن بولغان ئامېرىكا پۇقراسى گۇرگەن يانىكيان ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇتۇلدى ۋە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.
  • 1967-يىلى 27– يانۋار ناسا (ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى) نىڭ ئايغا چىقىش پىلانى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان «1-ئاپوللو» ئالەم كېمىسى سىناق جەريانىدا كۆيۈپ كەتتى. ۋەقەدە ئاسترونوملاردىن گۇس گرىسسوم (Gus Grissom)، ئىدۋارد خىگگىنس ۋايت (EdwardHiggins White) ۋە روگېر چافى (Roger Chaffee) جېنىدىن ئايرىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر