تارىختىكى بۈگۈن: 13 – يانۋار

بۈگۈن 2020 – يىلى 13 – يانۋار - دۈشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1339485
تارىختىكى بۈگۈن: 13 – يانۋار

■ 1920 – يىلى  13 – يانۋاردا ئىزمىرنىڭ گىرېتسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنىشىغا قارشى ئىستانبۇلدا بۈيۈك سۇلتان ئەھمەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. 150 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم توپلىنىپ ئىشغالغا نارازىلىق بىلدۈرگەن يىغىلىشتا، شائىر مەھمەت ئەمىن يۇرداقۇل، ھامدۇللاھ سۇپھى تانرىئۆۋەر ۋە خالىدە ئەدىپ ئادىۋار قاتارلىقلارمۇ نوتۇقلىرى ئارقىلىق ئالاھىدە دىققەتنى تارتتى.

 

 

■ 1966 – يىلى  13 – يانۋاردا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ليوندون ب.جونسوننىڭ 1964 – يىلى ئۆز دەۋرىنىڭ باش مىنىستىرى ئىسمەت ئىنۆنۈگە يوللىغان تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زەربە بەرگەن «جونسون مەكتۇپى» تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتىن ئورۇن ئالدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جونسوننىڭ ئىككى يىل بويىچە خەلقتىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان مەكتۇپىدا، تۈركىيە قىبرىسقا مۇداخىلە قىلغان تەقدىردە ئامېرىكا قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى. مەكتۇپتا يەنە، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ھەربىي مۇداخىلە قىلغان تەقدىردە، ناتو كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقىمۇ تەكىتلەنگەنىدى. ئىسمەت ئىنۆنۈنىڭ بۇ مەكتۇپقا قايتۇرغان جاۋابى بولسا، «دۇنيا يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتىدۇ، تۈركىيەمۇ ئۇ دۇنيادىكى ئورنىنى ئالىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

 

 

■ 2012 – يىلى  13 – يانۋاردا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى رائۇف دەنكتاش 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. دەنكتاشنىڭ جەسىتى 17 – يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن جۇمھۇرىيەت باغچىسىدىكى خاتىرە قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر