تارىختىكى بۈگۈن: 11 – يانۋار

بۈگۈن 2020 – يىلى 11 – يانۋار - شەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1338855
تارىختىكى بۈگۈن: 11 – يانۋار

630 – يىلى  11 – يانۋاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنى مەككىنى پەتھى قىلدى. بۇتپەرەس تۈزۈمنىڭ قولىدىن ئېلىنغان مەككىدە ئومۇمىيۈزلۈك كەچۈرۈم ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەتھىدىن كېيىن كەبىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەرنى بۇتلاردىن خالىيلاشتۇردى.

 

 

■ 1962 – يىلى  11 – يانۋاردا پېرۇ تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن داۋالغۇدى. دۆلەتنىڭ ئەڭ ئېگىز تېغى بولغان نېۋادا خۇاسكاران ۋولقىنى پارتلىدى. يانار تاغدىكى پارتلاش ۋە شۇ كۈنى يۈز بەرگەن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە مىڭلارچە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

 

 

■ 1984 – يىلى  11 – يانۋاردا دۇنياغا مەشھۇر ناخشىچى مايكېل جېكسون «ترىللېر» ناملىق ناخشا ئالبۇمى بىلەن 8 گراممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

 

■ 2014 – يىلى  11 – يانۋاردا 1982 – يىلى پەلەستىنلىك مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان سابرا ۋە شاتىللا لاگېرلىرىدىكى قەتلىئامغا كۆز يۇمغان ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرىدىن ئارىئېل شارون جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى 8 يىللىق داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلدى. پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىككىگە ئايرىۋەتكەن تامنىڭمۇ ئىجادكارى بولغان شارون، 2000 – يىلى ھەرەم شەرىفنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر