تارىختىكى بۈگۈن: 30– دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1331664
تارىختىكى بۈگۈن: 30– دېكابىر
  • يىل 1517، 30–دېكابىر...
  • ئۈچ ساماۋى دىننىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلىنىدىغان قۇددۇس شەھىرى ياۋۇز سۇلتان سەلىم تەرىپىدىن پەتھى قىلىندى. شۇندىن تارتىپ 1917-يىلىغىچە ئوسمانلى ھەكىمىيىتى ئاستىدا تۇرغان قۇددۇستا، 400 يىللىق «خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق» دەۋرى باشلاندى.
  • 1903-يىلى 30–دېكابىر ئامېرىكانىڭ چىكاگو (Chicago) شەھىرىدىكى بىر تىياتىرخانىدا چىققان ئوت ئاپىتىدە تەخمىنەن 600 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1916-يىلى 30–دېكابىر رۇسىيەدە چار پادىشاھ ئائىلىسىنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن گرىگورى يېفىموۋىچ راسپۇتىن (Grigori Yefimoviç Rasputin) سائىنت پېتېرسبۇرگدىكى يۇسۇپوۋ (Yusupov) سارىيىدا رۇس ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
  • 1922-يىلى 30–دېكابىر لېنىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە كومپارتىيەسى يېڭى ئاساسىي قانۇن بىلەن سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
  • 1997-يىلى 30–دېكابىر ئالجىرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئاشقۇن قوراللىق بىر گۇرۇپپا، تۆت يېزىدا خەلقنى قىرغىن قىلىپ، 412 كىشىنى ئۆلتۈردى.
  • 2006-يىلى 30–دېكابىر ئىراق ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، تۇغۇلغان يۇرتى تىكرىت ئەتراپىدا تۇتۇلغان ساددام ھۈسەيىن دارغا ئېسىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر