تارىختىكى بۈگۈن: 23– دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1327966
تارىختىكى بۈگۈن: 23– دېكابىر
  • يىل 1876، 23–دېكابىر...
  • ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى بولغان «قانۇنى ئاساسى» 1-مەشرۇتىيەت بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىندى. 1-مەشرۇتىيەت 1878-يىلى 13-فېۋرال ئاخىرلاشتى.
  • 1948-يىلى 23–دېكابىر ياپونىيەدە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى باش ۋەزىر گېنېرال توكو ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى رەھبەرلەردىن ئالتە كىشىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، توكيودا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ۋە ئىجرا قىلىندى.
  • 1972-يىلى 23–دېكابىر نىكاراگۇادا 6.3 بال يەر تەۋرەپ 10 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يەر تەۋرەشتە نىكاراگۇا پايتەختى ۋەيران بولدى.
  • 1973-يىلى ئىران پايتەختى تېھراندا توپلانغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر، نېفىت باھاسىنى %130 ئۆرلىتىپ، ئامېرىكا بىلە گوللاندىيەگە نېفىت ئەۋەتىشنى توختاتتى.
  • 1984-يىلى 23–دېكابىر رۇسىيە ئايروفلوت ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى كراسنويارسك ئايرودۇرۇمىغا قونۇش جەريانىدا چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە 110 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1995-يىلى 23–دېكابىر ھىندىستاننىڭ دابۋالى شەھىرىدە يىل ئاخىرى كېچىلىكىدە چىققان ئوت ئاپىتىدە 170 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 540 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.   


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر