تارىختىكى بۈگۈن: 15– دېكابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 15 – دېكابىر - يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1323413
تارىختىكى بۈگۈن: 15–  دېكابىر

■ 1893 – يىلى  15 – دېكابىردا ئورخۇن يېزىقلىرى تۇنجى قېتىم ئوقۇلدى. تىلشۇناس ۋە تۈركولوگ ۋىلھېلم لۇدۋىگ تومسېن دانىيە خان سارىيى پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە سۇنغان دوكلاتى ئارقىلىق كۆكتۈرك ئېلىپبەسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئورخۇن يېزىقلىرىنى ئوقۇغانلىقىنى ئىلىم دۇنياسىغا جاكارلىدى. يېزىقلاردىن بىلگە قاغان ئابىدەسىنىڭ شەرقىي يۈزىدە مۇنۇ ئىبارىلەر ئورۇن ئالىدۇ: «تۈرك، ئوغۇز بەگلىرى ۋە خەلقى ئىشىتىڭلار! ئۈستىمىزدىكى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىسە، ئاستىمىزدىكى يەر يېرىلىپ كەتمىسە، تۈرك خەلقى دۆلىتىڭلار ۋە قانۇنىي تۈزۈمىڭلارنى كىم بت- چىت قىلالايدۇ؟»

■ 1941 – يىلى  15 – دېكابىردا رومېنىيەدىن پەلەستىنگە قاراپ يولغا چىققان 800 دەك يەھۇدىي ئولتۇرغان «سترۇما» ناملىق پاراخوت ئىستانبۇل دېڭىز تەۋەلىكىدە موتورىدىن كاشىلا چىقىپ توختاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. خەلقئارانىڭ بېسىمى تۈپەيلى تۈرك ھۆكۈمىتى يولۇچىلارنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىدى، بىراق پاراخوتقا ھەركۈنى ئۇزۇقلۇق ئەۋەتىپ بەردى.

■ 1989 – يىلى  15 – دېكابىردا رومېنىيەدە، دىكتاتور نىكولاي چاۋۇشېسكۇ ۋە رەپىقىسى ئېلېنانىڭ 25 – دېكابىردا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن نەتىجىلەنگەن خەلق قوزغىلىڭى باشلىدى. ۋەقەلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدە 115 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 1992 – يىلى  15 – دېكابىردا  ت ر ت نىڭ تۇنجى باش مۇدىرى ئادنان ئۆزتراك 77 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1995 – يىلى  15 – دېكابىردا ياۋروپا ئادالەت مەھكىمىسى (دىۋانى) بېلگىيەلىك پۇتبولچى بوسمان سۇنغان ئەرزنامە توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنى ئېلان قىلدى. تەنتەربىيە دۇنياسىغا «بوسمان قائىدىلىرى» دېگەن نام بىلەن كىرگەن قارارغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي كوماندىلىرىدا، يۆتكىلىدىغان پۇتبولچىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى بولۇشى شەرتى بىلەن،  چەت ئەللىك پۇتپولچى چەكلىمىسى بىكار قىلىندى. پۇتبولچىلارنىڭ توختاملىرىنىڭ مۇددىتى ئاخىرلاشقاندا ئايرىلىش راسخوتى تۆلىمەستىن ئۆزى خالىغان كوماندىغا ئۆتۈشىنىڭ يولى ئېچىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر