تارىختىكى بۈگۈن: 4 – دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1317490
تارىختىكى بۈگۈن: 4 – دېكابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 4– دېكابىر، چارشەنبە.

  • 1154 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى قېتىم  نىكولاس برېكسپېر ئىسىملىك بىز ئىنگىلىز  4 – ھادرىئانۇس ئىسمى بىلەن پاپا بولۇپ سايلاندى.
  • 1858 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە ھىندىستان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمدارى 2 – باربۇر شاھنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، غەزنەلىك مەھمۇدتىن تارتىپ ئۇدا 9 ئەسىر ھىندىستاندا ھۆكۈم سۈرگەن تۈرك ھاكىمىيىتىنى يىمىرىپ تاشلىدى. بابۇر شاھ بىرمىغا سۈرگۈنگە ئەۋەتىلدى.
  • 1856 – يىىل بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە بىيۇروكرات يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە پادىشاھ ئابدۇلمەجىد تەرىپىدىن مەكتەبى مۈلكىيە ئېچىلدى.
  • 1918 – يىىل بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ۋودروۋ ۋىلسون بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن فىرانسىيەگە كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ۋەزىپە ئۆتەۋېتىپ ياۋروپادا زىيارەتتە بولغان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ قالدى.
  • 1943 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى روسېۋېلت بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قولغا كەلترۈۈش ئۈچۈن قاھىرىدە جۇمھۇر رەئىس ئىسمەت ئىنۆنۈ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە ئىسمەت ئىنۆنۈ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى. تۈركىيە ئۇرۇش ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا گېرمانىيە ۋە ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
  • 2011 – يىىل بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا پۇتبول دۇنياسىنىڭ مەشھۇر شەخسلىرىدىن بىرازىلىيە مىللىي كوماندىسى ماھىرى سوكراتېس 53 يېشىدا ۋاپات بولدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر