تارىختىكى بۈگۈن: 03– دېكابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 03 – دېكابىر - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 03– دېكابىر

■ 1918 – يىلى  03 – دېكابىردا  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن لوندوندا ئىتتىپاقداشلار يىغىنى چاقىرىلدى ۋە يىغىندا گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلارغا ئۇرۇش تۆلىمى تۆلىشى قارار قىلىندى.

■ 1942  – يىلى  03 – دېكابىردا  زونگۇلداقنىڭ ئەرەغلى ناھىيەسىدە كان قازاسى يۈز بېرىپ 63 ئىشچى جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 1959 – يىلى  03 – دېكابىردا قىبرىس تۈركلىرىنىڭ لىدىر دوكتورى فازىل كۈچۈك جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى بولدى.

■ 1984 – يىلى  03 – دېكابىردا  ھىندىستاننىڭ بوپال رايونىدىكى ھاشارەت دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن زەھەرلىك گاز سىزىش ۋەقەسى 18 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

■ 1989 – يىلى  03 – دېكابىردا  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن سابىق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پىرېزىدېنتى مىخائىل گورباچوۋ مالتادا كۆرۈشۈپ، «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر