تارىختىكى بۈگۈن: 2-دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

تارىختىكى بۈگۈن: 2-دېكابىر

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

بۈگۈن 2019يىلى 02 – دېكابىر.

1804يىلى 2دېكابىردا، ناپالىيون بوناپارد پارىژدا، پاپامۇ قاتناشقان ئالاھىدە مۇراسىم بىلەر ئىمپېراتورلۇق تاجىنى كىيگەن ئىدى.

1873يىلى 2دېكابىردا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تۇنجى پايچېكى بازىرى ھېسابلىنىدىغان «دەرسائادەت تەھۋىلات پايچېكى بازىرى» ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن مۇلازىمەت باشلىغان ئىدى.

1888 - يىلى 2دېكابىردا، «ۋەتەنمۇ ياكى سىلىستىرەمۇ؟» ناملىق 4 پەردىلىك تىياتىرنىڭ (1872يىلى يېزىلغان) ئاتاقلىق يازغۇچىسى، شائىر نامىق كامال ساگىز ئارىلىدا 48 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

1920يىلى 2دېكابىردا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ھۆكۈمىتى بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا گۈمرۈ ئەھدىنامىسى ئىمزالانغان ئىدى. بۇ كېلىشىم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ خەلقئارا ساھەدە تۈزگەن تۇنجى كېلىشىمى بولۇپ، بىراق ئىجرا قىلىنمىغان ئىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان موسكۋا ۋە قارس كېلىشىملىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ چگرا لېنىيەسى ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىدى. 

1942يىلى 2دېكابىردا، ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىسلەر تۇنجى قېتىم كونتروللۇق ھالدا ئاپتوماتىك رېئاكسىيە يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ تەتقىقات ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىشىنىڭ ئاساسى بولغان ئىدى.

1956يىلى 2دېكابىردا، فىدەل كاستىرو «گىرانما» ناملىق كېمىسى بىلەن كۇباغا كەلگەن ۋە ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندە كۇبانى كوممۇنىزمغا يەتكۈزىدىغان بىردىنبىر رەھبەرنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

1982يىلى 2 دېكابىردا دوكتور روبېرت جاۋرىك تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان تۇنجى سۈنئىي يۈرەك بانېي كلارك ناملىق بىر بىمارغا تاقالغان ۋە كلارك 112 كۈن ياشىيالىغان ئىدى. 

1993يىلى 2دېكابىردا، ھاياتى ھەققىدە كىنو فىلىملىرى ئىشلەنگەن كولومبىيەلىك زەھەرلىك چېكىملىك پادىشاھى پابلو ئېسكوبار مېدېللىن شەھىرىدە ساقچىلار بىلەن يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر