تارىختىكى بۈگۈن: 25 – نويابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...
1311839
- يىل 1072، 25-نويابىر...
- بۈيۈك سەلچۇقلار ھۆكۈمدارى سۇلتان ئالپئارسلان سەمەرقەند سەپىرى جەريانىدا قولغا چۈشۈرگەن بەرزەم قەلئەسىنىڭ قوماندانى تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى.
- 1893-يىلى 25-نويابىر كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋىلھېلم لۇدۋىگ تومسېن(WilhelmLudwigThomsen) تۈركلەرنىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئورخۇن تاش ئابىدىلىرىدىكى تېكىستلەرنى ئوقۇدى.
- 1899-يىلى 25-نويابىر ئوسمانلى دۆلىتى نازىرلار ھەيئىتى ئانادولۇ-باغداد تۆمۈر يولى كېلىشىمىنى تەستىقلىدى. گېرمانىيە مەبلەغ سالغان ئانادولۇ تۆمۈر يولى شىركىتى سەككىز يىل ئىچىدە كونيادىن باغدادقا ۋە ئۇ يەردىن بەسرەگە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يولنى ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
- 1936-يىلى 25-نويابىر گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىدى.
- 1943-يىلى 25-نويابىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى روزېلۋېلت (Roosevelt) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل (Churchill) ۋە خىتاي گومىنداڭىنىڭ رەئىسى جياڭ جېيشى قاھىرە يىغىنىدا كۆرۈشۈپ، ياپونىيە تەسلىم بولغىچە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
- 2009-يىلى 25-نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بەردى. ئاپەتتە 122 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 350 كىشى غايىپ بولدى.
- 2016-يىلى 25-نويابىر كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى كاسترو (Fidel Castro) 90 يېشىدا ئۆلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...