تارىختىكى بۈگۈن: 17 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1307462
تارىختىكى بۈگۈن: 17 – نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 17– نويابىر، يەكشەنبە.

1542 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان «ئېستېرگون ھەربىي سەپىرى» گە ئاتلاندى. بۇ سەپەر جەريانىدا، ئاۋىستىرىيە – ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى بېلگراد شەھىرى بىلەن «ئېستېرگون قەلئەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن قەلئەلەر قولغا كىرگۈزۈلدى.

1558 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى 1 – ئېلىزابىت تەختكە چىقتى. ئۇ ئۇدا 45 يىل داۋاملاشقان ھۆكۈمدارلىقى دەۋرىدە دۆلىتىنى مۇستەملىكە ئىمپېرىيەسىگە ئايلاندۇردى.

1869 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئېچىلغان «سۇۋەيش قانىلى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. قانال دەسلەپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن چاغدا، ئۇزۇنلۇقى 164 كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 8 مېتىر ئىدى.

1952 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جامال ئابدۇنناسىر رەھبەرلىكىدىكى ئەركىن ئوفىتسېرلار ھەرىكىتى مىسىر پادىشاھى 1 – فارۇقنى تەنختىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى. پادىشاھ فارۇق سۈرگۈنگە ئەۋەتىلدى.

1989 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چېخوسلوۋاكىيەدە «مامۇق ئىنقىلاب» باشلاندى. تىنچلىق نامايىشى ئۈچۈن پايتەخت پراگدا توپلانغان ئوقۇغۇچىلار ساقچىلارنىڭ قاتتىق مۇداخىلە قىلىشا دۇچ كەلدى، ئارقىدىنلا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋەقەلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى، بۇ ۋەقەلەر چېخوسلوۋاكىيەدىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر