تارىختىكى بۈگۈن: 07– نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 07 – نويابىر - پەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 07– نويابىر

1665 – يىلى  07 – نويابىردا  354 يىلدىن بۇيان تارقىتىش ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «The London» گېزىتى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىندى.

■ 1867 – يىلى  07 – نويابىردا رادىينىڭ كەشپ قىلغۇچىسى، ئىككى قېتىم نوبېل موكاپاتىغا ئېرىشكەن مارىيە كىيورى پولشادا دۇنياغا كەلدى.

■ 1913 – يىلى  07 – نويابىردا «ۋابا»، «ئىسيانكار ئىنسان»، «بەختلىك ئۆلۈم» دېگەندەك ئەسەرلەرنىڭ فىرانسىيەلىك يازغۇچىسى نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئالبېرت كامۇس ئالجىرىيەدە دۇنياغا كەلدى.

■ 1917 – يىلى  07 – نويابىردا فېۋرال ئېيىدا چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن لېنىن رەھبەرلىكىدىكى بولشىۋىكلار پېتروگرادنى قولغا كىرگۈزدى ۋە تارىخقا «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» دېگەن ئىسىم بىلەن يېزىلغان دەۋر باشلىدى.

■ 1918 – يىلى  07 – نويابىردا زۇكام تارقاپ ھىندى ئوكيان قىرغىقىدىكى غەربىي ساموئا ئارىلىدا كوللېكتىپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى پەيدا قىلدى. زۇكام سەۋەبىدىن شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %20 گە يېقىنى يەنى 7500 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 1921 – يىلى  07 – نويابىردا ئىتالىيەدە بېنىتو موسسولىنى رەھبەرلىكىدىكى فاشىستىك پارتىيە قۇرۇلدى.

■ 1982 – يىلى  07 – نويابىردا 12 – سېنتەبىر ھەربىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئاساسىي قانۇن تۈركىيەدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلدى. بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە يېڭى ئاساسىي قانۇن خەلقنىڭ %91.37 ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىندى. 12 – سېنتەبىردىن كېيىن پىرېزىدېنت بولغان ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى كەنان ئەۋرەن  جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلاندى.

■ 1996 – يىلى  07 – نويابىردا نىگېرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى لاگوسقا يېقىن جايدا چۈشۈپ كېتىپ،  143 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر