تارىختىكى بۈگۈن: 06– نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 06 – نويابىر - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 06– نويابىر

■ 1494 – يىلى  06 – نويابىردا  دۇنياغا «سەلتەنەتلىك» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان قانۇنى سۇلتان سۈلەيمان ترابزوندا دۇنياغا كەلدى. قانۇنى سۇلتان سۈلەيمان، ئاتىسى ياۋۇز سۇلتان سەلىمدىن كېيىن ئوسمانلىنىڭ 10 – پادىشاھى سۈپىتىدە تەختكە ئولتۇردى ۋە 46 يىل بويىچە سەلتەنەت سۈردى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ چەك - چېگراسى ئەڭ كېڭەيدى.

■ 1860 – يىلى  06 – نويابىردا  ئابراھام لىنكولن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 16 – پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى. لىنكولن، ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىدا قۇللۇقنى ياقلايدىغان جەنۇبىي ئىشتاتلارنى يېڭىپ، دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قالغان لىدېر ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قۇللۇق لىنكولن دەۋرىدە مەنئى قىلىندى.

■ 1893 – يىلى  06 – نويابىردا  دۇنياغا مەشھۇر ئەسەرلەرنى قالدۇرغان رۇس مۇزىكانت پېتېر ئىليىچ چايكوۋىسكى 53 يېشىدا سائىنت پېتېرسبۇرگدا ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1944 – يىلى  06 – نويابىردا  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھانفورد ئاتوم مەركىزىدە تۇنجى قېتىم پلوتونىيۇمنى ئىشلەپچىقاردى. بۇ ماددا ياپونىيەنىڭ ناگاساكىغا ئېتىلىدىغان ئاتوم بومبىنىڭ ياسىلىشىدا ئىشلىتىلدى.

■ 1983 – يىلى  06 – نويابىردا  12 – سېنتەبىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن خەلق تۇنجى قېتىم سايلام ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى. 12 – سېنتەبىر رەھبەرلىكى رۇخسەت قىلغان 3 پارتىيە رىقابەتكە چۈشكەن پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمى كۈتۈلمىگەن نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. تۇرگۇت ئۆزالنىڭ ئانا ۋەتەن پارتىيەسى 211 پارلامېنت ئەزاسى چىقىرىپ، ئۆز ئالدىغا ھت قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىدى. خەلقچى پارتىيە 117، 12 – سېنتەبىر ھەربىي ھاكىمىيىتى قوللىغان تۇرگۇت سۇنئالپ رەھبەرلىكىدىكى مىللىيەتچى دېموكراتىيە پارتىيەسى بولسا، پەقەت 71 پارلامېنت ئەزاسى چىقىرالىدى.

■ 1985 – يىلى  06 – نويابىردا  كولومبىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى مىلىتارىستلار پايتەخت بوگوتادىكى ئەدلىيە سارىيىغا باستۇرۇپ كىردى. خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن مىلىتارىستلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 11 نەپىرى يۇقىرى دەرىجىلىك سوتچى بولۇپ جەمئىي 115 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 1988 – يىلى  06 – نويابىردا  پ ك ك تېررورچىلىرى ماردىننىڭ دارگەچىت ناھىيەسىدىكى بىر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ نەپىرى ئوقۇتقۇچى بولۇپ جەمئىي 4 كىشىنى شېھىت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر