تارىختىكى بۈگۈن: 05– نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 05 – نويابىر - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 05– نويابىر

1605 – يىلى  05 – نويابىردا كاتولىك ئىنگلىزلارنىڭ ئەنگلىيە پادىشاھى بىرىنچى جيېمىس ۋە پىروتېستانت ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆلتۈرۈش پىلانى پاش قىلىندى. سۇيىقەستچى گاي فاۋكېس ۋېستمىنستېر سارىيىدىكى پارلامېنت بىناسىنى پارتلىتىشقا ئازلا قالغاندا قولغا چۈشۈرۈلدى. بۇ ۋەقە ئەنگلىيە سىياسىي تارىخىدىن «مىلتىق دورىسى سۇيىقەستى» دېگەن نام بىلەن ئورۇن ئالدى.

■ 1914 – يىلى  05 – نويابىردا رۇسىيەنىڭ ئارقىسىدىن ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئەنگلىيە يەنە 1878 – يىلىدىن بۇيان باشقۇرۇشىنى ئۈستىگە ئالغان قىبرىسنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى.

■ 1922 – يىلى  05 – نويابىردا ئىسمەت پاشا باشچىلىقىدىكى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھەيئىتى لوزان تىنچلىق يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن شىۋېيتسارىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

■ 1986 – يىلى  05 – نويابىردا 1941 – يىلى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە بىنالىرى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىستانبۇل ئورتودوكۇس فەنەر رىم پاترىكخانىسىنىڭ قايتىدىن سېلىنىشىغا رۇخسەت قىلىندى.

■ 1991 – يىلى  05 – نويابىردا فىلىپپىندا سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ 7 مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 2006 – يىلى  05 – نويابىردا ئىككىنچى قېتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كېيىن قېچىپ كېتىپ، تىكرىتقا يېقىن بىر يەردە قولغا چۈشۈپ قالغان ئىراقنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبىرى ساددام ھۇسەيىن، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. سوت، ساددامنىڭ، 1982 – يىلى دۇجەيل شەھىرىدە 142 ئىراقلىق شىئەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى. يۇقىرى سوتنىڭ ماقۇللىشىدىن كېيىن ساددام ھۇسەيىننىڭ ئۆلۈم جازاسى 2006 – يىلى 30 – دېكابىردا باغدادتا ئىجرا قىلىندى.

■ 2006 – يىلى  05 – نويابىردا 1974 – يىلىدىكى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا تونۇلغان تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرىدىن بۈلەنت ئەجەۋىت داۋالىنىۋاتقان گاتا ھەربىي دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر