تارىختىكى بۈگۈن: 17– ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 17 – ئۆكتەبىر - پەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 17– ئۆكتەبىر

■ 1448 – يىلى  17 – ئۆكتەبىردە ئوسمانلى قوشۇنى ئىككىنچى قېتىملىق كوسوۋو ئۇرۇشىدا كۆپ سانلىقى ۋېنگىرلاردىن تەشكىل تاپقان ئەھلى سەلپ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى.

■ 1777 – يىلى  17 – ئۆكتەبىردە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئەنگلىيەلىكلەرنى ساراتوگا جېڭىدە مەغلۇپ قىلدى. بۇ غەلىبىدىن كېيىن فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيە ئەنگلىيەگە قارشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ جەڭگە قېتىلدى.

■ 1933 – يىلى  17 – ئۆكتەبىردە ئالبېرت ئېينىشتېين ناتسىست گېرمانىيەسىدىن كۆچمەن بولۇپ ئامېرىكىغا باردى.

■ 1938 – يىلى  17 – ئۆكتەبىردە كېسىلى خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالغان مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا تۇنجى «رەسمىي ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىندى.

■ 1961 – يىلى  17 – ئۆكتەبىردە فىرانسىيە ساقچىلىرى، دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىپ پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئالجىرىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى. تارىخ سەھىپىلىرىدىن «پارىژ قەتلىئامى» دەپ نام ئالغان ۋەقەدە 400 ئالجىرىيەلىك ئۆلتۈرۈلدى. بەزى نامايىشچىلارنىڭ جەسەتلىرى سېئىنې دەرياسىدىن سۈزۈۋېلىندى.

■ 1973 – يىلى  17 – ئۆكتەبىردە يەرشارى خاراكتېرلىك نېفىت كىرىزىسى يۈز بەردى. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك، بەزى غەرب دۆلەتلىرىگە ئىسرائىلىيە – سۈرىيە ئۇرۇشىدا ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نېفىت ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. 10 ئەرەب دۆلىتى نېفىت باھاسىنى %70 ئۆستۈرۈپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى ھەر ئاي %5 ئازايتىشنى قارار قىلدى.

■ 2001 – يىلى  17 – ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق ئورنىتىشىغا قارشى چىققان مىللىي بىرلىك پارتىيەسى باشلىقى رېھاۋام زېئېۋى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى پەلەستىن خەلق ئازادلىق فىرونتى ئۈستىگە ئالدى.

■ 2016 – يىلى  17 – ئۆكتەبىردە مۇسۇلنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى 30 مىڭ ئەسكەر بىلەن ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.

■ 2018 – يىلى  17 – ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق فوتو – سۈرەت سەنئەتچىسى ئارا گۈلەر ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر