تارىختىكى بۈگۈن: 13– ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 13 – ئۆكتەبىر - يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1287061
تارىختىكى بۈگۈن: 13– ئۆكتەبىر

■ 1884 – يىلى  13 – ئۆكتەبىردە ئەنگلىيەنىڭ گىرىنۋىچ كۆزىتىش ئۆيىدىن ئۆتكەن مېردىيان 0 (نۆل) دەرىجە ۋە خەلقئارا ۋاقىت ئۆلچىمىنىڭ باشلانغۇچى دەپ قوبۇل قىلىندى.

■ 1911 – يىلى  13 – ئۆكتەبىردە ترابلۇسغەرب ئۇرۇشىدا ئىتالىيەلىكلەر لىۋىيەنىڭ دەرنە شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى.

■ 1921 – يىلى  13 – ئۆكتەبىردە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھۆكۈمىتى، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ۋە گىرۇزىيە بىلەن قارس كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي فىرونتتا ئازادلىق ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

■ 1923 – يىلى  13 – ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ پايتەختىنىڭ ئەنقەرە بولىدىغانلىقى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن دۇنياغا جاكارلاندى.

■ 1972 – يىلى  13 – ئۆكتەبىردە سوۋېت ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى موسكۋادا چۈشۈپ كەتتى؛ قازادا 176 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 1976 – يىلى  13 – ئۆكتەبىردە بولىۋىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يۈك ئايروپىلانى سانتا كرۇزدا چۈشۈپ كېتىپ، 97 نەپىرى يەردە بولۇپ جەمئىي 100 ئادەم قازا قىلدى؛ قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ئىدى.

■ 1986 – يىلى  13 – ئۆكتەبىردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى رونالد رېگان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى لىدېرى مىخائىل گورباچوۋ ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشەلمىدى. رېگان «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» لايىھەسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

■ 1990 – يىلى  13 – ئۆكتەبىردە 1975 – يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان لىۋان ئىچكى ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. 15 يىللىق ئۇرۇشتا 230 مىڭ ئادەم ئۆلدى، 350 مىڭ ئادەم يارىلاندى ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق لىۋانلىق مۇساپىرغا ئايلىنىپ قالدى.

■ 2006 – يىلى  13 – ئۆكتەبىردە نوبېل تىنچلىق موكاپاتى باڭلادېشلىق مۇھەممەد يۇنۇس بىلەن گرامېن بانكىسى ئارىسىدا تەقسىملەشتۈرۈلدى.

■ 2010 – يىلى  13 – ئۆكتەبىردە چىلىدا يۈز بەرگەن كان پاجىئەسىدە يەرنىڭ ئاستىدا قالغان 33 كان ئىشچىسى ئارىدىن 69 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر