تارىختىكى بۈگۈن: 11 – ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1286192
تارىختىكى بۈگۈن: 11 – ئۆكتەبىر
  • يىل 1899، 11-ئۆكتەبىر...
  • جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ترانسۋائال ۋە ئورېينج رايونلىرىغا ئورۇنلاشقان ھەمدە «بوئېر» (Boer) نامى بىلەن ئاتالغان ئەسلى گوللاندىيەلىك دېھقانلار بىلەن ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 1-بوئېر ئۇرۇشى باشلاندى.
  • 1922-يىلى 11-ئۆكتەبىر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ھۆكۈمىتى بىلەن ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئانادولۇدىكى ئازادلىق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان مۇدانيا شەرتنامىسى ئىمزالاندى.
  • 1948-يىلى11-ئۆكتەبىر ب د ت مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى يۇنېسكو (UNESCO) قۇرۇلدى.
  • 1968-يىلى 11-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) ۋاللي سچىررا (Wally Schirra)، دون فۇلتون ئىسېلې (Donn Fulton Eisele) ۋە ر.ۋولتېر جۇننىڭھام (R. Walter Cunningham) قاتارلىق ئاسترونوملار ئولتۇرغان «7-ئاپوللو» ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بەردى. ناسا پات-پات «7-ئاپوللو» دىن پىروگرامما تارقاتتى. «ۋاللي، ۋولت ۋە دون» دەپ ئاتالغان بۇ پىروگراممانى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى ۋە شۇ يىلنىڭ «ئېممي» (Emmy) مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرىگە ئېرىشتى.
  • 1980-يىلى 11-ئۆكتەبىر ئالجىرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1998-يىلى 11-ئۆكتەبىر كونگودا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىسيانچىلار تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلدى، ئايروپىلاندىكى 40 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر