تارىختىكى بۈگۈن: 06– ئۆكتەبىر
بۈگۈن 2019 – يىلى 06 – ئۆكتەبىر - يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
■ 1860 – يىلى 06 – ئۆكتەبىردە ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قوشۇنلىرى ئىككىنچى قېتىملىق ئەفيۇن ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭنى قولغا كىرگۈزدى.
■ 1923 – يىلى 06 – ئۆكتەبىردە شۈكرۈ نائىلى پاشا قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنى ئىستانبۇلغا كىردى؛ شۇنىڭ بىلەن، 5 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئىشغال رەسمىي ئاخىرلاشقان بولدى.
■ 1923 – يىلى 06 – ئۆكتەبىردە ئامېرىكىلىق ئاسترونوم خوببېل، ئاندرومېدا گالاكسىسىنى بايقىدى.
■ 1926 – يىلى 06 – ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايروپىلان زاۋۇتى قەيسەرىدە ئېچىلدى.
■ 1951 – يىلى 06 – ئۆكتەبىردە جوسېف ئىستالىن، دۆلىتى – سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى.
■ 1973 – يىلى 06 – ئۆكتەبىردە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا «يەۋم كىپپۇر ئۇرۇش» باشلىدى.
■ 1976 – يىلى 06 – ئۆكتەبىردە خىتاي لىدېرى ماۋنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ھوقۇقنى قولىغا ئالغان خۇا گوفېڭ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تۇتقۇن قىلىندى.
■ 1968 – يىلى 06 – ئۆكتەبىردە TRT2 قانىلى كۈلتۈر – سەنئەت پىروگراممىلىرىنى تارقتىىش مەقسىتىدە رەسمىي ئېچىلدى.
■ 1990 – يىلى 06 – ئۆكتەبىردە سوتسىيال دېموكرات خەلقچى پارتىيەسى مەجلىسىنىڭ ئەزاسى دوتسېنت دوكتور باھرىيە ئۈچوك، ئۆزىگە پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن بومبىلىق قۇتىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...