تارىختىكى بۈگۈن: 20 – سېنتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزھۇزۇرۇڭلاردا...

1273217
تارىختىكى بۈگۈن: 20 – سېنتەبىر
  • يىل 622، 20-سېنتەبىر...
  • مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبۇبەكىر بىلەن مەككە شەھىرىدىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلدى.
  • 1942-يىلى 20-سېنتەبىر گېرمانىيە قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ لېتىچىۋ شەھىرىدە ئىككى كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 3 مىڭ يەھۇدىنى ئۆلتۈردى.
  • 1951-يىلى 20-سېنتەبىر تۈركىيە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) غا ئەزا بولدى.
  • 1981-يىلى 20-سېنتەبىر ئىراندا 149 سولچى قوراللىق پارتىزان ئۆلتۈرۈلدى.
  • 1984-يىلى 20-سېنتەبىر بېيرۇتتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، ئىككى ئامېرىكا پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 60 كىشى يارىلاندى. يارىلانغانلار ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ باش ئەلچىلىرىمۇ بار.
  • 1988-يىلى 20-سېنتەبىر نائىم سۇلايمانئوغلۇ سېئۇل ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە ئالتە قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
  • 2012-يىلى 20-سېنتەبىر تۇنجەلى ۋىلايىتى ئوۋاجىك ناھىيەسىنىڭ باش تەپتىشى مۇرات ئۇزۇن پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 2014-يىلى 20-سېنتەبىر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش گۆرۈگە ئېلىۋالغان تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە ئائىلىلىرى قويۇپ بېرىلدى.
  • 2017-يىلى 20-سېنتەبىر مېكسىكادا 7.1 بال يەر تەۋرەپ 224 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر