تارىختىكى بۈگۈن: 18– سېنتەبىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1271453
بۈگۈن 2019 – يىلى، 18– سېنتەبىر، چارشەنبە.
- 1923 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھىندىستان مىللىي مەجلىسى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھاكىمىيىتىگە قارشى پۇقراۋى قارشى چىقىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى باشلىدى.
- 1934 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتلەر جەمئىيىتىگە كىردى.
- 1956 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەفىستە 1926 – يىلدىن بېرى داۋاملاشقان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، دۇنياغا داڭلىق ئارتېمسى ھەيكىلى چىقىرىلدى.
- 1981 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىرانسىيەدە ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىندى.
- 1997 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 89 دۆلەت قۇرۇقلۇق مىنالىرىنى چەكلەش كېلىشىمىنى ماقۇللىدى.
- 2000 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن بىلەن ئكتكۈزۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتىنى توختاتتى.
- 2002 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، باكۇ – جەيھان تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى سەزەر، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ ۋە گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى شېۋاردنادزې تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...