تارىختىكى بۈگۈن: 15– سېنتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 15 – سېنتەبىر - يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1269559
تارىختىكى بۈگۈن: 15– سېنتەبىر

■ 1821 – يىلى  15 – سېنتەبىردە كوستا رىكا ئىسپانىيەدىن ئايرىلدى؛ گىۋاتېمالامۇ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى.

■ 1890 – يىلى  15 – سېنتەبىردە داڭلىق رازۋىتكا ئەسەرلىرى يازغۇچىسى ئاگاتا كرىستىې دۇنياغا كەلدى.

■ 1918 – يىلى  15 – سېنتەبىردە نۇرى پاشا قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى كاۋكازىيە ئىسلام قوشۇنى باكۇنى رۇس ۋە ئەرمەن ئىشغالىدىن ئازاد قىلدى.

■ 1928 – يىلى  15 – سېنتەبىردە شوتلاندىيەلىك باكتېرىئولوگ فلېمىڭ پېنسىلىننى كەشپ قىلدى.

■ 1931 – يىلى  15 – سېنتەبىردە لىۋىيە مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ لىدېرى ئۆمەر مۇختار ئىتالىيەلىكلەر تەرىپىدىن دارغا ئېسىلدى.

■ 1944 – يىلى  15 – سېنتەبىردە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسى بىر كۈن ئىچىدە 185 دانە گېرمان ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

■ 1961 – يىلى  15 – سېنتەبىردە تۈركىيەدە 27 – ماي ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قۇرۇلغان ياسسىئادا مەھكىمىسى قارارىنى ئېلان قىلدى. سوت، تاقىۋېتىلگەن دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىس جەلال بايار ۋە سابىق باش مىنىستىر ئادنان مەندەرەسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئەزاسىنى ئۆلۈم جازاسىغا، 32 كىشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

■ 1975 – يىلى  15 – سېنتەبىردە لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا خىرىستىيانلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش باشلاندى؛ ئارىدىن دەل 7 يىل ئۆتكەن شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە بېيرۇتنى ئىشغال قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر