تارىختىكى بۈگۈن: 05.09.2019
«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
بۈگۈن 2019 – يىلى 5 - سىنتەبىر.
1669 – يىلى 5 – سىنتەبىردە، گىرېت ئارىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تەۋەلىكىگە قوشۇۋېلىنغان ئىدى.
1795 – يىلى 5 – سىنتەبىردە، ئامېرىكا بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئامېرىكا ھەر يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە باج تۆلەيدىغان بولغان ئىدى.
1839 – يىلى 5 – سىنتەبىردە، ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 3 يىل داۋاملاشقان 1 – ئەفيون ئۇرۇشى باشلانغان ئىدى.
1905 – يىلى 5 – سىنتەبىردە، ئامېرىكىنىڭ نىيۇھامپىشاير شەھىرىدە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، رۇسىيە – ياپونىيە ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىلگەن ئىدى.
1914 – يىلى 5 – سىنتەبىردە، 1 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ قانلىق ئۇرۇشى دەپمۇ بىلىنىدىغان مارنە ئۇرۇشى باشلانغان بولۇپ، فىرانسىيە – گېرمانىيە ئالدىنقى فىرونتلىرىدا 2 مىليون ئەسكەر بىر بىرىگە قارشى 6 كۈنگىچە ئۇرۇش قىلغان ۋە تەخمىنەن 100 مىڭ ئەسكەر ئۆلگەن ئىدى.
1960 – يىلى 5 – سىنتەبىردە، مۇھەممەد ئەلى «1960 يىللىق رىم ئولىمپېىك مۇسابىقىسى» دا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئىدى.
1972 – يىلى 5 – سىنتەبىردە، پەلەستىنلىك «قارا سىنتەبىر ھەرىكىتى» قوراللىقلىرى 1972 – يىللىق ئولىمپېك مۇسابىقىلىرى ئۈچۈن مىيۇنخىنگە كەلگەن ئىسرائىلىيە كوماندىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى. ۋەقەدە 1 تەنتەربىيەچى ئۆلۈپ، 9 تەنتەربىيەچى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، گېرمانىيە شاقچىلىرى بىلەن پەلەستىنلىك قوراللىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، گۆرۈگە تۇتۇۋىلىنغان 9 ئىسرائىلىيەلىك تەنتەربىيەچىگە قوشۇلۇپ، 4 پەلەستىنلىك ۋە 1 ساقچى ئۆلگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...