تارىختىكى بۈگۈن: 24– ئاۋغۇست

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1257663
تارىختىكى بۈگۈن: 24– ئاۋغۇست
  • بۈگۈن 2019 – يىلى 24 – ئاۋغۇست.
  • مىلادىدىن كېيىنكى 79 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ۋېزۇۋ يانار تېغى» نىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە پومپېي، ستابىئا ۋە ھەركۇلانېئۇم شەھەرلىرى يوق بولدى.
  • 1516 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «مەرجىدابىق ئۇرۇشى» دا ياۋۇز سۇلتان سېلىم قوماندانلىقىدىكى  ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قوشۇنى مەملۇكىيلار قوشۇنىنى يەڭدى. شۇنىڭ بىلەن، سۈرىيە، لىۋان ۋە پەلەستىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تېرروتېرىيەسىگە ئۆتتى.
  • 1572 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىرانسىيەدە كاتولىكلار پادىشاھ 9 – چارلېسنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، قورالسىز پروتېستانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلاردىن قانچە ئون مىڭلىغان كىشىنى ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقە تارىختا، «ساينت بارتھولومېۋ قەتلىئامى» دەپ ئاتالدى.
  • 1818 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان ئۇرۇشتا، ئەنگلىيە قىسىملىرى ۋاشىنگتوننى ئىشغال قىلدى، ئاقسارايغا ئوت قويۇپ بەردى.
  • 1875 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ماتھاۋ ۋېب، «مانش دېڭىزى» دىن ئۈزۈپ ئۆتكەن تۇنجى شەخس بولدى.
  • 1899 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «قۇم كىتابى» ۋە «ئالېف» قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق ئەسەرلەرنى يازغان جورگ لۇئىس گورگېس ئارگېنتىنادا دۇنياغا كەلدى.
  • 1923 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «لوزان كېلىشىمى» گە ئاساسەن ئىشغال كۈچلىرى ئىستانبۇلنى بوشىتىشقا باشلىدى.
  • 1929 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ سىمۋولى بولغان ياسىر ئەرەفات مىسىردا دۇنياغا كەلدى. 1958 – يىلى «ئەلفەتىھ» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى تىركىشىش كۈرىشىگە ئاتلانغان ئەرەفات، 1993 – يىلى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىسھاق رابىن بىلەن بىرلىكتە «ئوسلو تىنچلىق كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. ئەرەفات مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ تۇنجى دۆلەت رەئىسى بولدى.
  • 1949 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلدى.
  • 1991 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پىرېزىدېنتى مىخائىل گورباچوۋ كوممۇنىست پارتىيەنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە پارتىيەنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. شۇ كۈنى، ئېستونىيە، لىتۋانىيە ۋە ئۇكرائىنا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
  • 2016 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدىكى دائېش ۋە پ ي د قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى قوزغىدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر