تارىختىكى بۈگۈن: 21 – ئاۋغۇست
بۈگۈن 2019 – يىلى 21 – ئاۋغۇست- يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
■ 1911 – يىلى 21 – ئاۋغۇستتا لوۋرې مۇزېيىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن «مونا لىسا» ماي بوياق رەسىمى، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن فلورېنسادا تېپىلدى.
■ 1915 – يىلى 21 – ئاۋغۇستتا مۇستافا كەمال قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى قىسىملىرى چاناققەلئەدە ئىككىنچى ئانافارتالار غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
■ 1922 – يىلى 21 – ئاۋغۇستتا مۇستافا كەمال ئارمىيە قوماندانلىرى بىلەن ئاقشەھىردە يىغىن چاقىرىپ، كەڭ كۆلەملىك تاقابىل تۇرۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.
■ 1982 – يىلى 21 – ئاۋغۇستتا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى مەركىزىنى بېيرۇتنىڭ لىۋان شەھىرىدىن تۇنىسقا يۆتكەشكە باشلىدى.
■ 1983 – يىلى 21 – ئاۋغۇستتا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن فىلىپپىنلىق ئۆكتىچى لىدېر بېنىگنو ئاكۇئىنو ئايرودۇرۇمدا ئايروپىلاندىن چۈشۈۋاتقان ئەسنادا ئۆلتۈرۈلدى.
■ 1986 – يىلى 21 – ئاۋغۇستتا 100 مېتىرغا يۈگۈرۈشتە دۇنيا رېكورتلىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئاتلېتىكا ماھىرى بولت جامايكادا دۇنياغا كەلدى.
■ 1986 – يىلى 21 – ئاۋغۇستتا كامېروندا نيوس ۋولقان كۈلىدىن چىققان زەھەرلىك گازلار 1746 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى.
■ 2017 – يىلى 21 – ئاۋغۇستتا تارىخنىڭ ئەڭ چوڭ قۇياش تۇتۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. 90 مىنۇت داۋاملاشقان قۇياش تۇتۇلۇش جەريانىدا قۇياش 2 مىنۇت 40 سېكۇنت بويىچە پۈتۈنلەي يوقالدى. قۇياشنىڭ كۆلىمى تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ئۆلچىمىگە يېقىن شەكىلدە ھېسابلاپ چېقىلدى .
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...