تارىختىكى بۈگۈن: 18– ئاۋغۇست

بۈگۈن 2019 – يىلى 18– ئاۋغۇست- يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1254085
تارىختىكى بۈگۈن: 18– ئاۋغۇست

■ 1227 – يىلى 18 – ئاۋغۇستتا تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيەلەردىن بىرىنى قۇرغان موڭغۇل ئىمپېراتورى چېڭگىزخان ئۆلدى. 1227 – يىلىدىكى بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈش جەريانىدا كېسەل بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان چېڭگىزخاننىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە تېپىلالمىدى.

■ 1791 – يىلى 18 – ئاۋغۇستتا ئوسمانلى – رۇس ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن كالاس كېلىشىمى ئىمزالاندى.

■ 1850 – يىلى 18 – ئاۋغۇستتا «ۋادىدىكى زامباك» ۋە «گورىئوت ئاتا» دېگەندەك كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ھونور دې بالزاك پارىژدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

■ 1917 – يىلى 18 – ئاۋغۇستتا سەلانىكتا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى؛ 32 سائەت داۋاملاشقان ئوت ئاپىتى جەريانىدا شەھەرنىڭ %30 تىن كۆپرەكى ۋەيران بولدى، 70 مىڭ ئادەم ئۆي – ماكانسىز قالدى.

■ 1932 – يىلى 18 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە گۈزىلى كەرىمان خالىس دۇنيا گۈزىلى تاجىنى كىيدى.

■ 1971 – يىلى 18 – ئاۋغۇستتا ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە ۋىيتنام ئۇرۇشىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى.

■ 1998 – يىلى 18 – ئاۋغۇستتا رۇسىيەدە باش كۆتۈرگەن ئىقتىسادىي كىرىزىس دۇنيادا داۋالغۇش پەيدا قىلدى. رۇسىيە بارلىق تاشقى قەرزلىرىنى تۆلەشنى توختاتتى.

■ 1998 – يىلى 18 – ئاۋغۇستتا ئالىي ھەيئەتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىل كلىنتون، ئاقساراي پىراكتىكانتى مونىكا لېۋىنىسكىي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلدى.

■ 2018 – يىلى 18 – ئاۋغۇستتا قىبرىس تىنچلىق پىلانى بىلەن نام قازانغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، ب د ت  باش كاتىپى كوفى ئاننان شىۋېيتسارىيەدە ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر