تارىختىكى بۈگۈن: 16.08.2019

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزھۇزۇرۇڭلاردا...

1253450
تارىختىكى بۈگۈن: 16.08.2019
  • يىل 1556، 16-ئاۋغۇست...
  • ئىستانبۇلدا سۇلايمانىيە جامەسى مۇراسىم بىلەن ئېچىلدى.
  • 1858-يىلى 16-ئاۋغۇست ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جېيمېس بىكانېن (Buchanan) تۇنجى ئوكيان ھالقىغان زىيارىتىدە ئەنگلىيە پادىشاھى ۋىكتورىيا (Victoria) بىلەن كۆرۈشتى.
  • 1868-يىلى 16-ئاۋغۇست پېرۇنىڭ ئارىكا (كۈنىمىزدە چىلىغا تەۋە) شەھىرىدە 8.5 بال يەر تەۋرىدى ۋە ئارقىدىن دېڭىز تاشقىنى يۈز بەردى. ئاپەتتە ئارىكادا 25 مىڭ كىشى بولۇپ، جەمئىي 70 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1920-يىلى 16-ئاۋغۇست «ساراڭلىق ھېكايىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان چارلېز بۇكوۋسكى (Charles Bukowski) دۇنياغا كەلدى.
  • 1953-يىلى 16-ئاۋغۇست ئىران شاھى رىزا پەھلىۋى ۋە خانىشى سۈرەييا مۇساددىقى ئىراندىن ئايرىلدى.
  • 1974-يىلى 16-ئاۋغۇست قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرى ماگوسا، لەفكوشا ۋە لەفكە لىنيەسىنىڭ شىمالىدا قالغان رايوننى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى. ئۇرۇش توختىتىلدى.
  • 1977-يىلى 16-ئاۋغۇست راك ۋە رول مۇزىكا شاھى ئېلۋىس پرېسلېي (Elvis Presley) گرېيسلەندتە 42 يېشىدا ئۆلدى.
  • 2002-يىلى 16-ئاۋغۇست ئەسلى ئىسمى سابرى خالىل ئەنبەننا بولغان پەلەستىنلىك ئەبۇ نىدال باغدادتا ئۆلدى.
  • 2003-يىلى 16-ئاۋغۇست 1979-1971-يىللىرى ئارىسىدا ئۇگانداغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دىكتاتور ئىدى ئامىن (İdi Amin)، سۈرگۈندە ياشىغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆلدى.
  • 2008-يىلى 16-ئاۋغۇست يامايكالىق يىنىك ئاتلىتكا ماھىرى ئۇسايىن بولت (Usain Bolt) بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، 100 مېتىرغا يۈگرەشتە 9.69 سېكۇنت بىلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇنىڭدىن بىر يىل كېيىن بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرىدە ئۆزىنىڭ رېكورتىنى 9.58 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن يېڭىلىدى.      


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر