تارىختىكى بۈگۈن: 13– ئاۋغۇست

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1251963
تارىختىكى بۈگۈن: 13– ئاۋغۇست
  • بۈگۈن 2019 – يىلى 13 – ئاۋغۇست، سەيشەنبە.
  • 1956 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىلمىي تەسەۋۋۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئىككى باشلامچىسىدىن بىرى بولغان ۋە «زامان ماشىنىسى»، «دۇنيالار ئۇرۇشى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ يازغۇچىسى ئىنگىلىز  ژۇرنالىست ۋە تارىخچى ھېربېرت جورج ۋېلس ۋاپات بولدى.
  • 1961 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان ۋە بېرلىن شەھىرىنى ئىككىگە ئايرىۋەتكەن «بېرلىن تېمى» قۇرۇلۇشى باشلاندى. 46 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «بېرلىن تېمى»، شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىنى ئۇدا 30 يىل بويىچە فىزىكىلىق جەھەتتىن ئىككىگە ئايرىۋەتتى.
  • 1966 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ماۋ زېدوڭ خىتايدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى ئېلان قىلدى. ئۇدا 10 يىل داۋاملاشقان بۇ ھەرىكەت تارىخ سەھىپىسىدىن «ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى» تەرىقىسىدە ئورۇن ئالدى.
  • 1987 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى رونالد رېگان ئىران – كونترا سەنچىلىكىدىكى مەسئۇلىيىتىنى قوبۇل قىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قانۇنسىز يوللار بىلەن قورال - ياراغ سېتىش ئارقىلىق كىرگۈزگەن كىرىملەرنى نىكاراگۇئادىكى سوتسىيالىست ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان ئانتى – كوممۇنىست كونترا گۇرۇپپىلارغا بەرگەنلىكى پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانىدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر