تارىختىكى بۈگۈن: 06.08.2019

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1248848
تارىختىكى بۈگۈن: 06.08.2019
  • يىل 1682، 6-ئاۋغۇست...
  • ئوسمانلى ۋە ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېراتورلۇقلىرى ئوتتۇرىسىدا 2-ۋىيېننا مۇھاسىرى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئۇرۇش ئېلان قىلىندى.
  • 1914-يىلى 6-ئاۋغۇست 1-دۇنيا ئۇرۇشى كېڭىيىشكە باشلىدى. سېربىيە گېرمانىيەگە؛ ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېراتورلۇقى رۇسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى.
  • 1915-يىلى 6-ئاۋغۇست ئەنگلىيە، ئاۋستىرىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ئارمىيەلىرى چاناققەلئەدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى.
  • 1924-يىلى 6-ئاۋغۇست تۈركىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان لىسبون كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.
  • 1945-يىلى 6-ئاۋغۇست ئامېرىكا بىرىنچى ئاتوم بومبىسىنى ياپونىيەنىڭ خىروشىما ئارىلىغا تاشلىدى. 80 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلدى. رادىياتسىيە سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
  • 1946-يىلى 6-ئاۋغۇست «راكي» (Rocky) ۋە «رامبو» (Rambo) فىلىملىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان كىنو ئارتىسى سيلۋېستېر ستېيللون (Sylvester Stallone) نىيۇ يوركتا دۇنياغا كەلدى.
  • 1997-يىلى 6-ئاۋغۇست كورېيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ «747-بويىن» تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى گۇام ئارىلىغا قونۇش جەريانىدا چۈشۈپ كەتتى. ئايروپىلاندىكى 228 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر