تارىختىكى بۈگۈن: 02.08.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1246875
تارىختىكى بۈگۈن: 02.08.2019

بۈگۈن 2019يىلى 02 - ئاۋغۇست.

1492يىلى 2ئاۋغۇستتا، ئىسپانىيەدە دىنىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغان يەھۇدىيلار ئۆي ماكانلىرىنى تاشلاپ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى.

1865يىلى 2ئاۋغۇستتا، لېۋىس كاررول تەرىپىدىن يېزىلغان «ئاجايىباتلار دىيارىدا ئالىجە» ناملىق كىتاب تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان ئىدى.

1914يىلى 2ئاۋغۇستتا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى 1دۇنيا ئۇرۇشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلغان ئىدى.

1934يىلى 2ئاۋغۇستتا ئادولوف گىتلېر گېرمانىيەنىڭ داھىسى ئېلان قىلىنغان ۋە 2دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن نەتىجىلىنىدىغان دىكتاتور تۈزۈم باشلانغان ئىدى. 

1945يىلى 2ئاۋغۇستتا، 2دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پوتىسدامدا كۆرۈشكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ھاررىي ترۇمېن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋىنستون چىرچىل ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى رەئىسى سىتالىن ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغان ئىدى. گېرمانىيە تۆتكە ئايرىلىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە فىرانسىيە ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولغان ئىدى. 

1990يىلى 2ئاۋغۇستتا، ئىراق ئارمىيەسى ساددام ھۈسەيىننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن كۇۋەيتنى ئىشغال قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر