تارىختىكى بۈگۈن: 31.07.2019

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1245446
تارىختىكى بۈگۈن: 31.07.2019
  • يىل 1492، 31-ئىيۇل...
  • يەھۇدىيلارنى ئىسپانىيەدىن قوغلىغان ئېلھامرا قارارنامىسى ئىمزالىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.
  • 1932-يىلى 31-ئىيۇل ناتسىستلار پارلامېنت سايلاملىرىدا 230 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ بىرىنچى پارتىيەسى بولدى.
  • 1932-يىلى 31-ئىيۇل تۈركىيە گۈزىلى كەرىمان ھالىس بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەللىك مۇسابىقىسىدە «دۇنيا گۈزىلى» بولدى.
  • 1959-يىلى 31-ئىيۇل تۈركىيە ياۋروپا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى.
  • 1973-يىلى 31-ئىيۇل دېلتا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ «DC-9» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بوستون ئايرودۇرۇمىغا قونۇش ئەسناسىدا، تۇمان سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە 89 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1980-يىلى 31-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ ئافېنادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتى گالىپ ئۆزمەن ۋە قىزى ئاسلىھان ئۆزمەن قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ شېھىت بولدى.
  • 1988-يىلى 31-ئىيۇل مالايشىيانىڭ باتېرۋورس (Butterworth) شەھىرىدىكى پورت سۇغا چۆكۈپ كەتتى. ۋەقەدە 32 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1674 كىشى يارىلاندى.
  • 1992-يىلى 31-ئىيۇل تايلاند ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ «A 300» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى كاتماندونىڭ تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە 113 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر