تارىختىكى بۈگۈن: 25.06.2019
گۈلشەن ئايۋاز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
■ 1861 – يىلى 25 – ئىيۇندا ئوسمانلىنىڭ 31 – پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلمەجىد تۇبېركۇليوز كېسىلىگە دۇچار بولۇپ 38 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
■ 1940 – يىلى 25 – ئىيۇندا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فىرانسىيە گېرمانىيەنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىپ تەسلىم بولدى.
■ 1950 – يىلى 25 – ئىيۇندا كورېيە ئۇرۇشى باشلاندى. شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدا باشلانغان ئۇرۇشقا كېيىنچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭمۇ قېتىلىشى بىلەن، ئۇرۇش خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندى.
■ 1991 – يىلى 25 – ئىيۇندا كىرودىيە بىلەن سىلوۋېنىيە يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى.
■ 2009 – يىلى 25 – ئىيۇندا ئاممىباب ناخشا – مۇزىكىنىڭ مەشھۇر سەنئەتچىسى مايكېل جاكسون يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...