تارىختىكى بۈگۈن: 20.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1222072
تارىختىكى بۈگۈن: 20.06.2019

 

 

بۈگۈن 2019يىلى20 - ئىيۇن.

 

404- يىلى 20ئىيۇندا ئىستابۇلدا يۈز بەرگەن ئىسياندا ئاياسوفياغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

1840يىلى 20 - ئىيۇندا ئامېرىكىلىق ئىجادىيەتچى ۋە تارىخ سەھنە رەسسامى سامۇئېل مورسە تېلېگراممىنىڭ ئىجادىيەت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئىدى.

1933يىلى 20 - ئىيۇندا ئاياللارنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە باراۋەرلىكى قاتارلىق تېمىلاردا سىياسەتلەرنى يولغا قويغان گېرمانىيە سىياسەتچىسى ۋە ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىسى كىلارا زېتكىن مۇسكوۋادا سۈرگۈندە ۋاپات بولغان ئىدى.

«مۇستافا كامال ئاتاتۈرك سانسۇنغا بېرىپ ئازادلىق كۈرىشىنى باشىلغان كۈن» دەپ قوبۇل قىلىنغان 19 - ماي كۈنى 1938يىلى 20 - ئىيۇندا 3466 نۇمۇرلۇق قانۇن بىلەن رەسمىي دۆلەت بايرىمى سۈىپىتىدە تەستىقلانغان ئىدى.  

1997يىلى 20ئىيۇندا خەلق شىئېرلىرى ۋە ناخشىلىرىدىن پايدىلىنىپ، زامانىۋىي شىئېرلارنى يازغان شۇنداقلا شىئېلىرىدا يۈرت، ئىنسان ۋە تەبىئەت سۆيگۈسىنى ئاساسلىق تېما قىلغان تۈرك شائىرى جاھىت كۈلەبى ۋاپات بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر