تارىختىكى بۈگۈن: 13.06.2019

گۈلشەن ئايۋاز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

تارىختىكى بۈگۈن: 13.06.2019

■ 1550 – يىلى 13 – ئىيۇندا مىمار سىناننىڭ بىناكارلىق ئەسىرى سۈلەيمانىيە جامەسىنىڭ ئۇلى قويۇلدى.

■ 1891 – يىلى 13 – ئىيۇندا ئىستانبۇل ئارخېلوگىيە مۇزېي زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. ئىستانبۇل ئارخېلوگىيە مۇزېي ھەر خىل كۈلتۈرلەرگە مەنسۇپ مىليوندىن ئارتۇق يادىكارلىق بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مۇزېيلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

■ 1928 – يىلى 13 – ئىيۇندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن دۇيۇنى ئومۇمىيە (ئوسمانلى قەرزلىرى) ئالغۇچىلىرى ئارىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى.

■ 1983 – يىلى 13 – ئىيۇندا Pioneer 10 ناملىق ئالەم تەكشۈرۈش كېمىسى، قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىغا چىققان، ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان تۇنجى ئاپپارات بولدى.

■ 1987 – يىلى 13 – ئىيۇندا تۈرك يازغۇچى، تەرجىمان ۋە مۇتەپەككۇر ھۈسەيىن جەمىل مەرىچ ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر