تارىختىكى بۈگۈن: 12– ئىيۇن

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1216580
تارىختىكى بۈگۈن: 12– ئىيۇن
  • 1898– يىلى 12 – ئىيۇن كۈنى فىلىپپىن ئىسپانىيەدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى.
  • 1919 – يىلى 12 – ئىيۇن كۈنى مۇستەقىللىق كۈرىشىنى باشلىتىش ئۈچۈن سامسۇنغا يېتىپ بارغان مۇستاپا كامال  پاشا، ھاۋزادىن ئاماسياغا ئۆتتى.
  • 1924 – يىلى 12 – ئىيۇن كۈنى تۈركىيەنىڭ تۇنجى تەلىم - تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسى بولغان «ھەيبەلىئادا ساناتوريۇمۇ»  ئاتاتۈركنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
  • 1940 – يىلى 12 – ئىيۇن كۈنى جۇمھۇر رەئىس ئىسمەت ئىنۆنۈنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرغان ھۆكۈمەت، تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئۇرۇشقا قاتناشماسلىق توغرۇلۇق قارار ماقۇللىدى.
  • 1967 – يىلى 12 – ئىيۇن كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم كېمىسى « Venera 4» نى ۋېنېراغا يوللىدى.
  • 1990 – يىلى 12 – ئىيۇن كۈنى رۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن چىقىپ، رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى.
  • 2000 – يىلى 12 – ئىيۇن كۈنى تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم بوشلۇقى لاگېرى «ئالەم بوشلۇقى تۈركىيە» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر