تارىختىكى بۈگۈن: 09.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 09.06.2019

■ 68 – يىلى 09 – ئىيۇندا ھەربىي ئىسيان نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان رىم ئىمپېراتورى نېرون، ئۆلۈم جازاسى تەھدىتلىرى سېلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

■ 1617 – يىلى 09 – ئىيۇندا سۇلتان بىرىنچى ئەھمەد تەرىپىدىن مېمار سەدەفكار مەھمەت ئاغاغا سالدۇرۇلغان سۇلتان ئەھمەد جامەسى ئىبادەتكە ئېچىلدى.

■ 1870 – يىلى 09 – ئىيۇندا يېقىنقى زامان ئىنگلىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك، يوقسۇللۇق ۋە قالاقلىقنى تېما قىلغان رومانلىرى بىلەن داڭق چىقارغان چارلېس دىكېنس ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1977 – يىلى 09 – ئىيۇنلدا تۈركىيەنىڭ ۋاتىكاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاھا جارىم رىمدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى «ئەرمەن قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئەرمەن جېنوسىت تەشكىلاتى» ئۈستىگە ئالدى.

■ 1985 – يىلى 09 – ئىيۇندا ئالى ئۆزگەنتۈرك رېژىسسورلۇق قىلغان «ئات» ناملىق فىلىم توكيو فىلىم فېستىۋالىدا چوڭ مۇكاپاتنى باشقا ئىككى فىلىم بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر