تارىختىكى بۈگۈن: 08.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 08.06.2019

 

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 08 – ئىيۇن

 

1936يىلى 8ئىيۇندا، جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ ئىش، ئىشچى ۋە خوجايىن مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ كەڭ دائىرىلىك قانۇنى «ئىش قانۇنى» تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى»دا قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

 

1958يىلى 8ئىيۇندا ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا قىبىرىستىكى تۈرك خەلقىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە قىلىنىۋاتقان بېسىملارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 300 مىڭ كىشىلىك «يا تەقسىم! يا ئۆلۈم!» يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 

1985يىلى 8ئىيۇندا مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مەنىۋىي قىزى شۇنداقلا جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ تۇنجى تارىخ پىروفېسسورلىرىدىن بىرسى بولغان تارىخشۇناس ۋە جەمىيەت شۇناس ئافەت ئىنان ئۆلگەن ئىدى.

 

2010يىلى 8-  ئىيۇندا، ئىزمىر ۋە ناھىيەلىرىدە تەشكىللەنگەن ئايال دېھقانلار تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال دېھقانلار كۈچ بىرلىكىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

 

1970يىلى 8 - ئىيۇندا «ئېھتىياجلارنىڭ ھۆكۈمدارلىقى نەزىرىيەسى» بىلەن تونۇلغان ئامېرىكىلىق پىسىخولوگىيە پىروفېسسورى ئابراھام ھارولد ماسلوۋ ۋاپات بولغان ئىدى. 

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر