تارىختىكى بۈگۈن: 07.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 07.06.2019

 

 

بۈگۈن 2019يىلى 7 - ئىيۇن.

 

1557يىلى 7ئىيۇندا، ئىستانبۇلدا قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ نامىغا مىمار سىنان تەرىپىدىن ياسالغان سۇلايمانىيە جامەسى ئىبادەتكە ئېچىلغان ئىدى.

 

1856يىلى 7ئىيۇندا سۇلتان ئابدۇل مەجىت تەرىپىدىن ياسىتىلغان دولماباھچە سارىيى ئوسمانلى خانىدانىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئېچىلغان ئىدى. 

 

1890يىلى 7ئىيۇندا 2ئابدۇلھەمىد خاننىڭ ياپونىيە پادىشاھى كومېنىڭ جىيەنىنىڭ ئىستانبۇل زىيارىتىگە جاۋابەن ياپونىيەگە يوللىغان ئەرتۇغرۇل دېڭىز ئارمىيە ئەترىتى يوكوھوماغا يېتىپ بارغان ئىدى.

 

1977يىلى 7ئىيۇندا تۈرك سەنئەتچى سەمىھا يانكى 13نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالتۇن ئورفە ناخشا مۇسابىقىسىدا بىرىنچى بولغان ئىدى.

 

2007يىلى 7ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە ئىشارەت تىلى كېڭىشىدىن كېيىن، 7 -ئىيۇن «تۈركىيە ئىشارەت تىلى بايرىمى كۈنى» دەپ قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر