تارىختىكى بۈگۈن: 06.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1214123
تارىختىكى بۈگۈن: 06.06.2019

 

بۈگۈن 2019يىلى 6 - ئىيۇن.

 

1984يىلى 6ئىيۇندا، ھىندىستان ئارمىيەسى بۆلگۈنچى سىخلارنى ئالتۇن ئىبادەتخانىدىن سىرتقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. ھەرىكەت جەريانىدا 400 پۇقرا ۋە 87 ئەسكەر ئۆلگەن ئىدى.

 

1961يىلى 6ئىيۇندا سىگمۇند فرېئۇد بىلەن تەڭ «ئانالىتىك پىسىخولوگىيەنىڭ بانىلىرى» دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان گېرمانىيەلىك پىسىخولوگىيە مۇتەخەسىسى كارل گۇستاۋ جۇڭ ئۆلگەن ئىدى.

 

1968يىلى 6ئىيۇندا ئازادلىق ئۇرۇشى قوماندانلىرىدىن بىرسى شۇنداقلا 1924يىلىدىن 1935 يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن كازىم ئۆزئالپ ۋاپات بولغان ئىدى.

 

2010يىلى 6ئىيۇندا ناسا يوللىغان كاسسىنى ئالەم كېمىسى ساترۇننىڭ ئوربىتىدىكى تىتاندا بەزى ئادەتتىكىچە ھاياتلىق فورمىلالىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىگە دائىر ئالامەتلەرنى بايقىغان ئىدى.

 

2012يىلى 6ئىيۇندا قوياش ئېنېرگىيەسى بىلەن ئۇچۇدىغان ئايروپىلان  «Solar Impulse» شىۋېيېتسارىيەدىن ماراكەشكىچە بولغان 2500 كېلومېتىرلىق ئۇزۇن يولنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ ئۇچۇش قوياش ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان تۇنجى قىتئەلەر ئارا ئۇچۇش بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىندى.

 

 ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر