تارىختىكى بۈگۈن: 04.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 04.06.2019

■ 1876 – يىلى 04 – ئىيۇلدا بىر قېتىملىق ئىسيان ئارقىلىق تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ،  فەرىيە سارىيىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئوسمانلى پادىشاھى ئابدۇلئەزىزنىڭ نازارەتخانىدىن ئۆلۈكى چىقتى.

■ 1783 – يىلى 04 – ئىيۇلدا مونتگولفىئېر ئاكا – ئۇكىلار ئىسسىق ھاۋا شارلىرىنى خەلقكە تونۇشتۇردى ۋە تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

■ 1878 – يىلى 04 – ئىيۇلدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىلەن بىرلەشمە خانلىق (ئەنگلىيە) ئارىسىدا «قىبرىس كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، قىبرىسنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋاقىتلىق ھالدا بۈيۈك بىرىتانىيەگە بېرىلدى.

■ 1932 – يىلى 04 – ئىيۇلدا تۈركىيەدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ دۆلەت خىزمەتلىرىدە ئىشلىتىشى مەنئى قىلىندى.

■ 1933 – يىلى 04 – ئىيۇلدا يۇمۇرلىرى، ماقالىلىرى ۋە ساياھەت خاتىرىلىرى بىلەن نام چىقارغان، يېقىنقى زامان تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن ئاھمەت ھاشىم ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر