تارىختىكى بۈگۈن: 03.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 03.06.2019

يىل 1098، 3-ئىيۇن، خىرىستىيان دۇنياسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان 1-ئەھلى سەلەب ئۇرۇشىدە 8 ئاي داۋاملاشقان قورشاۋ نەتىجىسىدە ئانتاكيا ئەھلى سەلەبلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى.

1926-يىلى 3-ئىيۇن كۈنى، تۈركىيەدە خەلقنىڭ قۇرۇلۇش-بىنكارلىق تىرىشچانلىقىنى قوللاش، تېگىشلىك قەرز پۇللارنى بېرىش ۋە يېتىم-يىسىرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاتاتۈركنىڭ يوليۇرۇقى بىلەن ئۆي-مۈلۈك ۋە ھەرىكەت بانكىسى قۇرۇلدى.

يىل 1964، 3-ئىيۇن، پۇتبول پىشىۋاسى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن لېفتېر كۈچۈككاندونيادىس، فەنەرباھچە- بەشىكتاش مۇسابىقىسىدىن كېيىن پۇتبول بىلەن ۋېدالاشتى.

1963-يىلى 3-ئىيۇن كۈنى، پىكىرلىرى تۈپەيلى ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈرمىدە ۋە سۈرگۈندە ئۆتكۈزگەن، شىئىرلىرى 50دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان تۈرك شائىرى نازىم ھىكمەت ران موسكۋادا ۋاپات بولدى.

يىل 1996، 3-ئىيۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىمايىسىدە چاقىرىلغان «ھابىتات-2 ئىنسان تۇرالغۇلىرى» يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر