تارىختىكى بۈگۈن: 02.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 02.06.2019

■ 1924 – يىلى 02 – ئىيۇلدا  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدە دۇنياغا كەلگەن بارلىق ئامېرىكا يەرلىكلىرىگە بېلەت تاشلاش سالاھىيىتى بەردى. بىراق، 1948 – يىلىغىچە بەزى ئىشتاتلار يەرلىكلەرنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى ئىجرا قىلمىدى.

 ■ 1935 – يىلى 02 – ئىيۇلدا تۈركىيە تۇنجى قېتىم يەكشەنبە كۈنىنى رەسمىي دەم ئېلىش كۈنى قىلدى.

■ 1946 – يىلى 02 – ئىيۇلدا ئىتالىيەدە پادىشاھلىق تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

■ 1953 – يىلى 02 – ئىيۇلدا ئەنگلىيە مەلىكىسى ئېلىزابېت تاج كىيدى. ئەنگلىيە مەلىكىسى ئېلىزابېت ئالېكساندرا ماري تەختتە ئەڭ ئۇزۇن ئولتۇرغان كىشىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ئەڭ قېرى ھۆكۈمدارى ھېسابلىنىدۇ.

■ 1970 – يىلى 02 – ئىيۇلدا تۈرك يازغۇچى ئورھان كەمال ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1980 – يىلى 02 – ئىيۇلدا ئوسمانلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بۇغداي ۋە نان باھاسى ئۈستىدىكى دۆلەت كونتروللۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر