تارىختىكى بۈگۈن: 31 – ماي

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

تارىختىكى بۈگۈن: 31 – ماي
  • مىلادىدىن بۇرۇنقى 1279 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، قەدىمكى مىسىردا 19 – خاندانلىق پىرئەۋنلىرىدىن  2 – رامسېس تەختكە چىقتى.
  • 1237 – يىلى 31 – ماي كۈنى ئانادولۇ سەلچۇقىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى 1 – ئالائەددىن كەيكۇبات ئالەمدىن ئۆتتى.
  • 1809 – يىلى 31 – ماي كۈنى ئاۋستىرىيەلىك كومپوزېتور فرانس جوزېف ھايدىن ۋاپات بولدى.
  • 1859 – يىلى 31 – ماي كۈنى لوندوندىكى دۇنياغا داڭلىق سائەت راۋىقى « Big Ben» نىڭ سائىتى تۇنجى قېتىم ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى.
  • 2002 – يىلى 31 – ماي كۈنى 2002 – يىللىق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەدە باشلاندى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر