تارىختىكى بۈگۈن: 30.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 30.05.2019

■ 1431 – يىلى 30 – مايدا  جېئاننې دئارك سېھىرگەرلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلاندى ۋە سوتتىن كېيىن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلدى.

■ 1453 – يىلى 30 – مايدا ھازىرقى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىشىدىن بىر كۈن كېيىن قۇرۇلدى.

■ 1778 – يىلى 30 – مايدا فىرانسىيە ئىنقىلابى ۋە ئاقارتىش ھەرىكىتىگە ئالاھىدە ھەسسە قوشقان فىرانسۇز يازغۇچى ۋە پەيلاسوپ ۋولتېر ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1913 – يىلى 30 – مايدا بۇلغارىيە پادىشاھلىقى، گىرېتسىيە پادىشاھلىقى ۋە قاراداغ پادىشاھلىقىدىن تەشكىل تاپقان بالقان بىرلىكىنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىگە قارشى قوزغىغان 1 – بالقان ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

■ 1941 – يىلى 30 – مايدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا گېرمانىيە گىرىتنى ئىشغال قىلدى.

■ 1992 – يىلى 30 – مايدا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، سېربىيەگە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىش مەقسىتىدە ئېمبارگو يۈرگۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر