تارىختىكى بۈگۈن: 19.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1203775
تارىختىكى بۈگۈن: 19.05.2019

■ 1881 – يىلى 19 – مايدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك دۇنياغا كەلدى. 19 – ماي ئاتاتۈركنىڭ سامسۇنغا چىقىش كۈنىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن سىمۋوللۇق تۇغۇلغان كۈنىدۇر.

■ 1910 – يىلى 19 – مايدا ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى دۇنياغا يېقىنلاشتى. ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى قۇياش سىستېمىسىغا ئاخىرقى قېتىم 1986 – يىلى كىرگەنىدى. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، 2061 – يىلى بۇ ھادىسە قايتا كۆرۈلىدۇ.

■ 1919 – يىلى 19 – مايدا مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك كېمىگە ئولتۇرۇپ سامسۇنغا باردى. 19 – ماي ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىشغال ھەرىكىتىگە قارشى تۈرك ئازادلىق ئۇرۇشى باشلىغان كۈن، دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بۇ كۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، 1938 – يىلى 19 – مايدىن بۇيان مىللىي بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلەنمەكتە. ئاتاتۈرك بۇ بايرامنى تۈرك ياشلىرىغا ھەدىيە قىلغانىدى. بىراق، ئاتاتۈرك «تۇغۇلغان كۈنۈم» دېگەن 19 – ماينى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە پەقەت بىر قېتىملا ئىشتىراك قىلالىغانىدى.

■ 1935 – يىلى 19 – مايدا ئەرەب ئىسيانىنى پىلانلىغان ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق جاسۇسى «ئەرەىستانلىق لاۋرېنس» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئىنگلىز ئارخېئولوگ، ئەسكەر، ئىستىخباراتچى ۋە يازغۇچى توماس ئېدۋارد لاۋرېنس موتوسىكلېت قازاسىدا ئۆلدى.

■ 1981 – يىلى 19 – مايدا ئاتاتۈرك دۇنياغا كەلگەن سەلانىكتىكى ئۆي رېمونت قىلىنىپ زىيارەتكە ئېچىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر