تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى

مەقسەت خاتىرجەملىك
نىشان تېررورلۇق

تارىختىكى بۈگۈن: 16.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 16.05.2019

 

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 16 – ماي

1919يىلى 16مايدا مۇستافا كەمال تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشىنى باشلاش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن سانسۇنغا ماڭغان ئىدى.

1929يىلى 16 - مايدا ئامېرىكىدا كېنو سەنئەتلىرى ۋە ئىلىم پەن ئاكادېمىيەسى مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى. ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئاۋازسىز فىلىم «Wings» ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ مۇكاپاتلار 1931يىلىدىن بۇيان ئوسكار مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

1926يىلى 16مايدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ 36ۋە ئاخىرىقى پادىشاھى شۇنداقلا 115ئىسلام خەلىپىسى ۋەھدەتتىن ئىتالىيەدە ۋاپات بولغان ئىدى.

1952يىلى 16مايدا، ئەنگلىيەدە ئاياللارغا تەڭ باراۋەر مائاش بېرىش رەسمىي قانۇنلاشتى.

1969يىلى 16مايدا، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم كېمىسى «Venera 5» ۋېنۇس شارىغا قونغان ئىدى.

975يىلى 16مايدا ياپونىيەلىك تاغقا يامىشىش ماھىرى جۇنكو تابېي تىبەتتىكى جۇمۇلاڭما چوقۇسىغا يامىشىپ چىققان تۇنجى ئايال تاغقا يامىشىش ماھىرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر