تارىختىكى بۈگۈن: 11.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 11.05.2019

 

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 11 – ماي

1812يىلى 11مايدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سپېنسېر پېركېۋال ئاۋام پالاتاسىدا ئاچچىقىدىن خۇدىنى يوقۇتۇپ قويغان سودا سانائەتچى جون بېللىڭگھام تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئاكادېمىيە مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىدىغان «كىنو سەنئەتلىرى ۋە ئىلم - پەن ئاكادېمىيەسى» 1927يىلى 11مايدا لوس ئانجېلېستا قۇرۇلغان ئىدى.

1938يىلى 11مايدا ئاتاتۈرك خۇسۇسىي مۈلكى بولغان بارلىق مۇقىم مۈلۈكلىرى ۋە تېرۇلغۇ يەرلىرىنى تۈرك مىللىتىگە بېغىشلىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتكە ئىمزا قويغان ئىدى.

1981يىلى 11مايدا 130 دىن ئارتۇق پىلاستىنكىسى ۋە يۈزلىگەن ناخشىسى بىلەن داڭ چىقارغان ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە جامائىكالى گاتتارىست بوب مارلېي ئۆلگەن ئىدى. 

2013يىلى 11مايدا ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 52 كىشى ئۆلۈپ 150 دىن كۆپرەك كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر