تارىختىكى بۈگۈن: 10– ماي

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 10– ماي
  • يىل 1876، 10-ماي...
  • ئوسمانلى دۆلىتىدە مەھمۇت نەدىم پاشا تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارنامە بىلەن، تۈرك مەتبۇئاتلىرىغا قويۇلغان چەكلىمە تۇنجى قېتىم قانۇنلۇق ھالدا ئىجرا قىلىندى.
  • 1908-يىلى 10-ماي ئاننا مارىيا جارۋىس (Anna Marie Jarvis) رەھبەرلىكىدە ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم «ئانىلار بايرىمى» تەبرىكلەندى. جارۋىس ۋاپات بولغان ئانىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن يىغىلىشقا 407 بالا ۋە ئۇلارنىڭ ئانىلىرى قاتناشتى.
  • 1946-يىلى «مىلدرېد پىيېرس» (Mildred Pierce) فىلىمى بىلەن ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكالىق ئارتىس جوان كراۋفورد (Joan Crawford) 1977-يىلى 10-ماي ئۆلدى.
  • نېلسون ماندېلا 1994-يىلى 10-ماي   جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك پىرېزىدېنتى بولدى.
  • 2008-يىلى 10-ماي تۈرك ئوپېرا سەنئەتچىسى لەيلا گەنجەر مىلانودا ۋاپات بولدى.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر